- بۇگۈن سىز نىمە ئىشلارنى قىلالىدىڭىز؟
- يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى , بۇ يازما 989قېتىم كۆرۈلدى.
-
::.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، بۈگۈن 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەر بايرىمى، بايرمىڭىزغا موبارەك بولسۈن !
سىز بۈگۈنكى بايرامدا نىمە ئىش قىلدىڭىز ؟ نىمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟ سىز بۈگۈنكىدەك مىللىي مەدەنىيەت بايرام كۈنىدە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىگىڭىزنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ ؟
سىز بۇگۈن دوپپا كىيدىڭىزمۇ ؟ ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان دوپپىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئويغا چومدىڭىزمۇ ؟
سىز بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئالدى بىلەن مىھرىبا ئات - ئانىڭىزنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ ؟ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ، ياكى تېلفوندا بولسىمۇ ئەسسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىزانە ئاتا - ئانىلىرىم دىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ قولىدىكى سۈپۇرگۈنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ھويلا ئارمىنى بىر كۈن بولسىمۇ سۇپۈرۈپ بەردىڭىزمۇ ؟ ئاتىڭىزنىڭ قولىدىكى كەتمەننى ئېلىپ باشتېن ئېگىز كۆتۈرۈپ ، يا ئاللاھ ! دەم يەرگە چوڭغۇر بىر قېتىم پاتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ .......
ئەي ئانا ،سىز بۇگۈن قىزىڭىز بىلەن مۇڭداشتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭغا چىمەن دوپپىنىڭ ، ئەتلەسنىڭ ، ئۇيغۇر قىزلىرىنڭ 40 تال ئۆرۈم چېچىنىڭ ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بەردىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ يۇمران قاشلىرىغا ئۆسما قويۇپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئۈنىڭغا ئىپپەت قۇربانلىرى نۇزۇگۈم ، ئىپارخان ... لارنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ...
ئەي ئاتا ، سىز بۈگۈن ئوغلىڭىز بىلەن مۇڭداشتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ بېشىدىكى دوپپىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن تۈزەشتۈرۈپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئۇنى قوتانغا ئەكىرىپ كىشنەپ تۇرغان ئارغىماق ئېتىڭىزنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر مىنگەشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئوغلىڭىزنى ئەچىقىپ يۇرتىڭىزنىڭ كەڭ ، گۈزەل ، پۈتمەس تۈگىمەس بايلىققا تولغان زىمىنى كۆرسىتىپ مانا بۇ سىنىڭ يۈرتۈڭ ، بۇ سىنىڭ ۋەتىنىڭ ، بۇ يەرلەر سېنىڭ بارلىغىڭ ، بۇ يەرلەر سېنىڭ جېنىڭدىن ئەزىز دىدىڭىزمۇ ؟ باتۇر سادىر بوۋىسىنىڭ ئات ئۈستىدىكى كارامىتىنى ، سېپىل پارتىلىتىشتىكى ئەقىل پاراسىتىنى سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ؟ئەلشىر ناۋائى، يۈسۈپ خاس خاجىف ، ماخمۇت قاشقىرى قاتارلىق بىباھا گۆھەرلەرنى قالدۇرغان بۆۋىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرسەتتىڭىزمۇ ؟ لوتپوللا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، تەۋپىق، ئەخمەتجان قاسىمى .... قاتارلىق ئۆت يۈرەكلەرنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ؟ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ، زوردون سابىر، ئابۇشۇكۈر مۇھەمەت ئىمىن .... قاتارلىق ئەدىپلىرىمىزنى تونۇشتۈردىڭىزمۇ ؟ نەبىجان تۈرسۈن ، ئەركىن سىدىق ... قاتارلىق ھازىرقى زاماندىكى بىلىم ساھەسىدىكى بۈركۈتلەرنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ بەردىڭىزمۇ ؟ ....
بۈگۈن سىز خوشنا خولۇملىرىڭىزغا قاردىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئوغۈل قىزلىرى بېشىغا دوپپا كىيىپتىمۇ ؟ ياكى بېشىدا دوپپا يوق، پۈتلىرى يالاڭ ئاياق، ئوغلىڭىزنىڭ يىپيىڭى كىيىملىرىگە ، بېشىدىكى ئوتقاشتەك دوپپىلىرىغا مەيۈسلۈك بىلەن تەلمۇرۇپ قاراۋاتامدۇ ؟
ئاۋۈ يالغۈز ئايىمخان موماينى يوقلىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭغا بۈگۈن بىر چىلەك سۈ ئەكىرىپ تۇڭىغا قۇيۇپ بەردىڭىزمۇ ؟
ئاۋۈ ئاۋۈتاخۇن بوۋاي بۈگۈن مەسچىتكە چىقالىدىمۇ؟
ئاپالا ما خوشنامنىڭ بالىسى يىقىلىپ چۈشتى .... ئۈنى دادىل بېرىپ بىر قېتىم يۆلەپ قويدىڭىزمۇ .........؟مەنبە:http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14811&page=1
- ئىنكاس يوللاش
-

-
ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!
- قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار
-




