- كۈتكەنتىمغۇ قارنىڭ يېغىشىنى ....
- يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى , بۇ يازما 308قېتىم كۆرۈلدى. تەستىقلىغۇچى: heyali
-
.:: تەھىرىر : heyali ::.
كۈتكەنىتىمغۇ قارنىڭ يېغىشنى ....
جىنىم سېنىڭ ماڭا قىلغان ۋەدىلىرىڭ ،ئاپپاق قار ئۈستىدە سەبىيلەرچە خۇشال ئوينىغانلىرىمىز ھىلىمۇ ئىسىڭدىمۇ.سىنى قانچىلىك سېغىندىم بىلەمسەن !بۇ بىر يىلدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە بارلىق سېغىنىشىم بىلەن قارنى كۈتتۈم ،بىراق ،بۇ قارمۇ خۇددى مەن بىلەن قېيىشقاندەك يېغشى ئىنتايىن تەسكە چۈشكەن ئىدى ،
كۆرىۋاتامسەن ئاق ئۈنچىلەردەك تۆكۈلگەن قارنى ،سەنمۇ مەندەك مىنى ئەسلەۋاتامسەن ،سەنمۇ ئۇنىڭغا ماڭا ئوخشاش يۈرەك سۆزلىرىڭنى ئېيتىۋاتامسەن ،ئۇنىڭ ئۇزاقتىن -ئۇزاق توختىماي يېغىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتامسەن !ئەتراپ ھەقىقەتەن بەك سوق ،جىنىم قىلىن كىيىندىڭمۇ ،
مەن ساڭا سوۋغا قىلغان شارپىنى ھىلىمۇ تاقاۋاتامسەن ،سىنى ھەقىقەتەن بەك سېغىنىپ كەتتىم ،ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ يىراقلارغا كۆزتاشلىدىم ،ئەتراپ ھەممە جاي ئاپپاق تون كىيگەن ئىدى ،بۇنى كۆرەلىدىڭمۇ؟
تەقدىرنىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ ۋەس-ۋەسىلىرى بىلەن بىر مەزگىل ئېرىشىش ۋە ۋاز كىچىش ،ئۈتۈنۈپ بېرىش ھەم ئۆلۈپ بېرىش دوقمۇشلىرىدا تەكرار قايمۇقتۇم ،بەلكىم ،بۇرۇن ۋاز كەچمىگەن بولسام بۇ ئازاپلارغا قالماستىم دەپمۇ ئويلىدىم ،سەنچۇ ؟سەن بولساڭ قىلغان شۇ گۇناھلىرىڭغا توۋبە قىلىپ ئولتۇردۇڭ ،قەلبىمدىن شۇ دەقىقىلەردە قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بولساڭ ئىدى ،مىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يات-يۇرتلاردا سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگىنىمنى ،نىمە ئۈچۈن سەندىن يىراقلاپ كەتكىنىمنى ھېس قىلار ئىدىڭ ، يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يىرىدە ئىككىمىزنىڭ ئىزلىرى بار ،قايانغا قاراي ،قاياندا ئولتۇراي ھەممىسى ئىككىمىزنىڭ بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىمىزگە شاھىت بولغان ئىدى ،قايانغىلا باراي سەن ئىدىڭ ،سەن بۇنى ھېس قىلىپ يىتەلىدىڭمۇ ،بەلكىم يەنە ئىچىڭدە مەندىن نەپرەتلىنىسەنغۇ دەيمەن !چۈشلىرىمدىمۇ سىنى كۆرۈپ ئويغانغىنىمدا ئۈزۈمنى قايتا ئۇخلاشقا زورلار ئىدىم ،بىراق ،يەنىلا مۇمكىن ئەمەس ،جىنىم ،مۇشۇ دەقىقىلەردە پەقەت مۇشۇنداق ئەسەر يېزىپ كۆڭلۈمدىكىنى يېزىشلا ماڭا ئەڭ زور تەسەللى ئىدى ،ساڭا تىلفۇن ئۇراي دەپ تىلفۇندا نەچچە قېتىم نۇمۇرىڭنى باسقان بولساممۇ يەنە تۇرمۇشۇڭغا سۇقۇنۇپ كىرىشنى ،ئاران سوۋغا يۈرىكىمنى قايتا ئازاپلىغۇم كەلمىدى ،دىرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،قارنىڭ ياغقىنىغا زوق ،خوشاللىق ھەم بىرخىل ئازاپ ئىچىدە تەلمۈرەتتىم ،يىراقلادىن قانداقتۇر سىنىڭ سىمايىڭنى ئىزدەيتتىم ،بىراق مۇمكىن ئەمەس ئىدى ،بىراق مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە سىنى تەكرار تەكرار ساقلىدىم ،ئەخمەقلارچە ساقلىدىم ،ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىم قارنىڭ يېغىشى ئىدى ،بىراق سەن يوق ....
شۇ تاپتا مەن يېغىۋاتقان شۇ قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن بىرگە بىردەم بولسىمۇ لەرزان ئۇچۇپ ، كۆڭۈلمىدىكى بارلىق ئازاب دەرتلىرىمنى شۇلارغا دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ، ئۇلار بىللەن توپراق ئىچگە سىڭىپ كىرىپ كىتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلۋاتقىنىمنى سەن ئەسلا بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن ......
مەنبە:چالىقۇشى
- ئىنكاس يوللاش
-

-
ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!
- قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار
-




