- چ چ دىكى« يالغانچى قىز»
- يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنى , بۇ يازما 9331قېتىم كۆرۈلدى.
-
::.

خىزمەتلىرىم بىرئاز رېتىمغا چۇشكەندىن كىيىن،كۇندىكى ئادىتىم بويچە چ چ رىمنى ئاشتىم . ئەمدىلا مۇنبەر كۇري دەپ تۇراتتىم.كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مىنى قوشىۋېلىشنى ئىلتىماش قىلىپ ئۇچۇرقىپتو، كامىران دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپلا ئۇنى قوشقوم كەلمىدى.ئۇ قايتا- قايتا ئىلتىماس قىلىۋەرگەچكە ئۇنى قاتماي ئامال بولمىدى.
مىنى بەك تولا قوشوپ كەتتىڭىز بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى.
ياقەي..........
ئەمسە ياخشى. مىنىڭ ئىسمىم كامران ، تونىشىپ قالايلى .
ھە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ كامران ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا باشقىچىلا بوپ قالغان ئىدىم.
قايسى كامران؟
ئاقسولوق كامران. نېمە مېنى تۇنامدىكەنسىز .
ياقەي ، ئىسمىڭىز بىرسىنىڭ ئىسمىغا بەك ئوخشايدىكەن.
كىمنىڭ ئىسمىگە ، قارىغاندا ئۇسىزگە موھىم ئادەم ئۇخشايدو.
بەلكىم . تورۇپلا جىيلە بولوپ قالغاندەك ئىدىم
سىزبىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
سىز دائىملا مۇشۇنداقمو؟
بەك ھاكاۋور كەنسىز.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاش قوم بولمىغاچقىمو گەپنى بىراقلا ئۇزىۋەتتىم.
ئەمسە بوپتو خوش.
ئۇ بىر ئىغىزمو گەپقىلماي جىمىپ كەتتى.
نەچچە مىنوت قىچە ئۇنىڭ خوش دىيىشىنى كۇتكەن بولساممو جىمىپلا كەتتى. ئۇنىڭ يوروق چ چ رىغا قارىغىنىمچە يەنە خىيالىم كامران تەرەپكە بۇرۇلوپ كەتتى.ئۇنى ئەسلىگەن سىرى ئازاپلىق ھېسلار قوينىغا غەرىق بولاتتىم.كەيپىياتىمنى تەڭشەش ئۇچۇن مۇنبەر كۇردۇم، شۇنچە كۇپ تىمىلار ئارىسىدىن قەلبىمگە دال بولغودەك بىرەر تېما چىقمىغاندەك ھىچقايسى تېمىنى كۇرگۇم كەلمىدى. ئۇزۇمچە ئىچىم سىقىلىپ دوستومغا تىلفۇن قىلىپ،بىزە ئازادىلىك ھىس قىغاندەك بولوپ ، ئۇز ئىشىم بىلەن مەشخول بولوپ كەتتىم . شۇ تەرىقىدە كۇنلىرىم بىرخىل مەنىسىز ئۆتمەكتە ئىدى.
تۇرۇپلا چ چ رىمغا قاراپ قوياتتىم بىرەرى بىلەن پاراڭلىشىنى ،كۆڭۆل سىرىمنى ئىتىپ،ئۇنىڭدىن مەسلەت ئىلىشنى ئويلاتتىم، ئەمما موۋاپىق ئوبىكىت بولمىغاچ، بەزىلىرىى يىقىن دوسلىرىم ،بەزىلىرى تونىمىغان كىشىلەر بولغاچقا يەنىلا جىمجىت ئىدىم،كامران ئىسملىك تورداشمو ھەركۇنى توردا بارئىدى، تونجى قىتىملىق پاراڭدىلا ئىنىڭغا قوپال تەككىنىم ئۇچۇنمو، نەچچە كۇنلەر بولغان بولسىمو، چ چ رىمغا بىرەر پارچە ئۇچۇر يىزىپ قويمىغان ئىدى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا خەت يازغىمكەلدى.
ياخشىموسىز!
خىلى ۋاقىت ساخىلىغان بولساممو ئۇ ئۇچۇرۇمغا جاۋاپ قايتورمىدى. توروپلا كۇلكە ئارلاش ئاچچىقىم كەلدى.
نىمە؟ مەندىن رەنجىپ قالغان ئۇخشىمامسىز؟
ئۇنچىلىك ئەمەسقو.
قارىسام رەنجىگىنىڭىز ئىنىقكەن ، ئۇ كۇنى كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئىدى ، سىزگە قوپاللىق قىلىپ سالدىم كەچۆرۆڭ.
ئۇ كۇلگەن باش سۇرەت بىلەن قوشوپ بىلىمەن، ھىچقىسى يوق دىگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتتى.
ئۇزۇمچىلا كۇلىۋەتتىم ، كۇڭلۆمدە بولسا ئۇ نىمىنى بىلەتتى دەپ ئويلاۋاتاتتىم.
سىز نىمىنى بىلىسىز؟
ئەدەتتە مەنمو كەيپىياتىم ناچار چاغلاردا باشقىلارغا قوپالتىگەتتىم .
ئۇنىڭ گىپى ئاز بولسىمو ماڭا جانلىق كۇلكىلىك بىلىندى.
سزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە؟
مەن سىزگە دەپ بەرگەنغو.
ھە راس ، ئىسمىڭىز كامران، نىمە ئىش قىلىسز؟
سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭە.
پەرەز قىلىپ نىمىمو قىلارمەن، دىگىڭىز بولسا دەڭ ، بولمىسا كۇڭلىڭىز.
نىمە، يەنە رەنجىپ قالدىڭىزمو.
ھە راس ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمە.
مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا چ چ دا ھەقىقى ئىسمىمنى دىمىگەچكە، ئادىتىم بويچىلا ئادىلە دىدىم.
-ئو؟ ئۇ بۇ گەپ بىلەن تەڭلا سوئال بەلگىسىنى قوشوپ ئەۋەتىپتو.
- نىمە ئىسمىڭىز راسلا ئادىلەمو؟
ھە ئىشەنمەيۋاتامىسز، ئۇزۇمچىلا خودىكسىرگەندەك خەتنىمو تىز -تىز ئۇرۇۋەتتىم.
ئانچە ئەمەس ، سىنىمو باشقىلارغا ئۇخشاش توردا يالغان ئىسىم ئىشىلتەمدىغاندو دەپ قالدىم.
مەن سىزگە ئىشەنسەم سىزماڭا ئىشەنمەمسىز؟
ياق ، ھەرقانداق ئادەمگە ئىشەنمىسەممو سىزگە ئىشىنىمەن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھالرەڭلىك ئەتتىر گۇلنىڭ سۇرتىدىن بىرنى ئەۋەتىپتو.
قوبول قىلىڭ دوسلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولسون.
كۇنلىرىمىز شۇنداق بىر-ىبرىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ، گاھىدا كۇلۇشسەك ، گاھىدا ماي تارتىشىپ ئۇتەتتى، ئۇ ماڭا مېىنى ئۇزىگە شۇنداق يېىقىن دەپ ئۇيلايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، مەنمو ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق ئېيتتىم.
ئادىلە سىزنىمىشقا ماڭا راس ئىسمىڭىزنى ئىتىپ بەرمەيسىز، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى مېنى سەل تەمتىرىتىپ قويغان بولسىمو، ئانچە زور ئەمەس ئىدى.
مېنىڭ ئسمىم راس ئادىلە. مەنغو ھازىرغىچە سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم،ئەمما سىز ھازىرغىچە ماڭا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىز.
سىزگە پەرەز قىلىڭ دېگەنغو، سىزمەن تۇغورلۇق ئەزەلدىن ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقمىدىڭىز.
مەن پەرەز قىلالمىدىم.
ياق ، سىز پەرەز قىلىشنى خالىمىدىڭىز.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى ،مەن چ چ دا ئۇنى ئالداپلا كەلگەن ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭ سۆزۇمگە ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغانلىقىنى بۇگۇن بىلدىم.
سىز ماڭا ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىدىڭىزمو؟
ياق، ئازراق ئىشىنىپ باقتىم.
سىزەە راس گەپ قىلىش پۇرسىتى بېرەي ، بۇ قىتىم راس گپ قىلىڭ بۇلامدۇ؟
مەن سىزگە راس گەپ قىلىپ كەلگەن ، ئىشەنمىسىڭىز بۇپتو، قېنى سوراڭ، مەن يەنىلا سىزگە راس گەپ قىلىمەن.
كۇنۇپكا تاختىسىدىكى قوللوروم شۇنداق دەۋەتقان بولسىمو، كۆڭلۇمدە مېنى راس گەپ قىلغوزىمەن دەپ ئۇيلاپ قاپتو ماساراڭ دەپ خىتاپ قىلىۋاتاتتىم. ئۇچىقىنى ئىتقاندا مەن ئەزەلدىن چ چ دىكى دوسلوققا ئىشەنمەيتتىم. ئۇلارنىڭ پارىڭىمو مەن ئۇچۇن ئىشگەپ ئەمەس ئىدى.
سىزنىڭ ئوغول دوستىڭىز بارمو؟
بار، نىمىشقا بۇنداق سۇرايسىز. 20 ئاشقان مەندەك چىرايلىق قىزنىڭ ئوغول دوستى بولمىسا بولمامدو؟
ئەمەليەتتە مەن يالغان سۇزلىگەن ئىدىم.
ئوغول دوستىڭىز نىمە ئىش قىلدو؟
ئىشلەيدو ئۇ بەك ياخشى ھەم كىلىشكەن.
ئۇنداقتا سىز ئۇنى ياخشى كۇرەمسىز؟
ئەلۋەتتە ئۇنى ياخشى كۇرمەي يۇرەتتىممو.
مەندىن سۇئال سوراۋەمەي ، ئۇزىڭىزنىڭ موھاببەت ھاياتى توغورلوق ئازتولا سۇزلەپ بىرىڭ بولامدو؟
بولىدو ، راس گەپ قىلسام ئاشۇ چاغدا خىيالىمغا كامران كەلگەن ئىدى، ئۇ مىنىڭ چىن قەلبىمدىن ياخشى كۇرىدىغان، مەن ساخلاۋاتقان يىگىت ئىدى.
سىزگە ئەڭ ھەقىقى مۇھاببەت كەچمىشىمنى دەپ بىرەي.
تولوقسزدا ئوقوۋات قىنىمدا كامران ئىسىملىك بىرساۋاقدىشىم بار ئىدى.[ئۇ داۋامىغا تەشنامەن دېگەن ئۇيغورچە خەتنى ئەۋەتىپتو]ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۇتەتتىم، بىز دوست ئىدوق، كىيىنكى چاغلاردا مەن ئۇنى ياخشى كۇرۇپ قاپتىمەن دەپ ئۇيلاپ قالدىم، ھەم ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۆرۈمەن دېدىم. ئۇچاغلاردا مەنمو 19 دىن ھالقىغان ئىدىم، بىراق ئۇ جىمىپ كەتتى، مەن شۇ چاغدىلا ئۈزۈمنىڭ چوڭ خاتالىق ئۇتكۇزگەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭدىن بىراقلا يىراقلاشتىم. ئۇ بار تەرەپكە قارىسام ،ئىزىپ-تىزىپمو ئۇنىڭغا گەپ قىلماس بولدوم، چ چ دىكى كامراننىڭ جىمىپ كەتكىننى كۇرۇپ
كامران سىز بارمو؟
ھەئە، مەن بار، سىز ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆۇرەمتىڭىز.
مىنىڭ ھەقىقى يالغان چىلىقىم مۇشۇ سۇئال بىلەن تەڭلا باشلاندى. تۇرۇپلا ئۇزۇمنىڭ ھىسياتىنى قىلچە يوشورماي ئاشكارلىۋەتكىنىمنى بىلىپ دەرھاللا گەپنى بۇرۇدۇم.
ياق، مەن كىيىن بىلدىم، ئەسلى ئۇنى ياخشى كۇرمەيدىكەنمەن، ئېھسان ،[ئۇ نىڭ ئىسمىنى يالغان ئىتمىغىنىغا ھەيرانمەن] مىنى قوغلاشقان ئاشۇ كۇنلەردە ئۇنىڭدىن بىزاردەك كۇرۇنسەممو، كىيىنچە مەن كامراننى ئەمەس ، ئېھساننى ياخشى كۇرۇدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
سىز ئەسلى كامراننى ئەمەس ئېھساننى ياخشى كۇرۇمدىكەنسىز.
ھە، ئېھسان مەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۇنى راستىنلا ياخشى كۇرۇدىغانلىقىمنى ھىسقىلدىم، كىيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپ قالدىم.
ئۇنداقتا ھازىر كامراننى ئەسلەمسىز.
ياق، ئۇزۇمنى ئۇنىڭغا يۇر كىلەلمەدىغاندەك ھېس قىلىمەن.
كامران سىزنى ياخشى كۇرەمدو؟
ئۇنىڭ بۇ سوئالىنى ئاڭلاپ ئۇزۇمنى چۇشۇرۋالغوم كەلمىدى، مەن دەل كامراننىڭ مىنى ياخشى كۇرۇدىغان -كۇرمەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە مۇشۇنداق ئىزتىرالپتا قالغان ئەمەسمىدىم.
ئۇ مىنى ياخشى كۆرۈدو ، ئەمما مىنىڭ ياخشى كۇرۇدىغىنىم ئېسان، ئېسانمو مىنى ياخشى كۇرۇدو ...........باشقىسى مەن ئۇچۇن مۇھىم ئەمەس.
ئارىنى خىلى كۇپ سۇكۇت قاپلىدى.
مىنىڭ ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى مەن قايتاي.
چ چ دىكى كامراننىڭ مۇنداق دىيىشىنى پەقەتلا ئۇيلىمىغان ئىدىم، ئادەتتە ئۇ بۇ چاغلاردا تىخى ئىشتىن چۇشمەيتتى.
نەگە؟
مىنىڭ سوئالىم جاۋاپسىز قالدى، ئىنىڭ چ چ رى قارداپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ قارداپ قالغان چ چ رىغا قارغىنىمچە خىيالغا چۇكۇپ كەتتىم، كامران مەن سىنى راستىنلا ياخشى كۇرمەسمەنمو؟ سەن مىنى قاچانلىققىمو ئىزلەپ كىلەرسەن.........
يەنە بىرخىل بۇرۇختۇملوق ئىچىدە ئۇيگە قايتتىم، ئەمدىلا قورو ئالدىغا كىلىۋىدىم، تونوشلا بىر ئاۋاز يۇراك تارىمنى تىترەتتى.
ماھىرە.....
بىر جۇپ كۆز ئۇز-ئارا تىكىلگەندە ئۇزۇمگە ئىش نىمە كۇرۇنمەي قالدى.
كامران
ھەئە، ياخشى تۇرۇپسەن.
ھەئە
ئۇ كۆزۈمگە تىكىلگىنىچە سورىدى:- سىنىڭ چ چ دىكى ئادىلە دىگىنىڭ كىم؟
ئۇنىڭ تويوقسىزلا سورىغان سوئالىدىن نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.
كامران ......... بۇ
ئۇ قولومغا بىر قىزىل بولاقنى تۇتقوزوپلا ئارقىسىغا قاراپمو قويماي كىتىپ قالدى.
مەن ئۇزۇمنىڭ قانداق بولىۋاتقان لىقىمنى بىلەمتىم، شۇنچە كۆپ يالغان گەپلەرنى ئۇيلاپ يۆرۇكلىرىم كۆل بولوپ كەتتى....[مەن كامراننى ياخشى كۇرمەيمەن] بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ يالغان چىلىقىم ئىدى.
خاس خانەمگە كىرىپ بولاقنى ئاۋايلاپ ئاشتىم. ئىچىدە چىرايلىق قاتلانغان بىر پارچە خەت تۇراتتى.........
قەدىرلىك ماھىرە:
ساڭا موھاببەت توغرىسىدا گەپقىلغوم يوق، ئەمما بىرگەپنى دىمەي چىدىيالمايمەن، مەن سىنى سۇيىمەن، ئىشەن ، دونيادا ھەرقانداق بىر ئادەم سىنى مەنچىلىك سۆيمەيدو، مەن سىنى مىن سۆيىدو دەپ ئويلاتتىم، سەندەك بىر قىزنىڭ سۆيىشىگە ئىرىش كىنىم ئۇچۇن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم، سىنى شۇنچىلىك ئاۋايلاتتىم، كۆڭلىگە ئازار يەتمىسىكەن دەپ پىيىڭدا يۈرەتتىم، ئەمما [سەن ئېساننى سۆيمەن ] دىگەن ئاشو دەقىقىدە ياشاش ماڭا ھارام بولدى.........
مەن سنى سۆيمەن، ئەمما مىنىڭ ھازىر مۇنداق دىيىش ھوقوقوم يوق، چۇنكى سەن باشقىلارنىڭ گۇلى ، سىنى مىنى سۆي دەپ زورلىمەيمەن، ئەمما مىنى ئەسلەپ تور.................
سېنىڭ مەڭگۇلۇك بەختىڭنى تىلەپ
كامران
ئىملا خاتالىقى بولسا ئىغىر كۆرمەي تۇزۇتۇپ ئوقوڭ
مەنبە: كاڭنىڭ تۇرموشى ژورنىلىدىن ئىلىندى .
- تورداش ناسىر نىڭ باشقا يازمىلىرى
-
- ئۈمۈت كوماندىسى زەپەر قوچوپ كەلدى
- ياخشى ۋە يامان بتئەت
- موھەببەت يېڭىلىنىشىنى باشتىن كەچۈرسۇن
- ساق ئادەمنى ساراڭ قىلىدىغان بىر ھىكايەم
- ئۇ دۇنيادا بانكا يوق
- چچ نومۇرىڭلارنى تەرجىمە قىلىپ بېقىڭلار (
- بىزنىڭ كونا نادىر ناخشىلىرىمىزنى چەتئەلل
- شۇ چاغلاردىكى بىز[چوقوم كۆرۇڭ]
- ئاياللارنىڭ داڭقى چىققان يومورىى.
- باللار ئانىلارنىڭ پۇتىنى يويوپ بايرىمىنى
- ئىنكاس يوللاش
-

-
ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!
- قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار
-




