يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى
تەۋىسسيەلىك يازمىلار
تورداشلار ئاڭلاۋاتقان ناخشىلار
ئاۋات يازمىلار
تورداش باش بەت >>ئەسەرلەر رېتى>>ھەزىل سۇئال جاۋاب>>ئانىسىنى ئاچا، بالىسىنى ئۇكام دىگەنلەرگە
  • ئانىسىنى ئاچا، بالىسىنى ئۇكام دىگەنلەرگە
    يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى , بۇ يازما 750قېتىم كۆرۈلدى. تەستىقلىغۇچى: tayir
     
    توۋا دەيمەن ئانىسىنى ئاچا، بالىسىنى ئۇكام دىگەنلەرگە
        مەن بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنى <<ئاچا>> دىگىنىنى كۆرۈپ  ھەيران قالغان. ھەم ئۆز ئۆزۈمگە <<توۋا>> دىگەن ئىدىم. لىكىن يېقىندا  يەنە ئوخشاشلا 20 نەچچە ياشلاردىكى ياتلىق بولغان ھەتتا بالىسىمۇ بار بىر قىزنىڭ بىر ئايالنى <<ئاچا>> دىگىنىنى ئاڭلىدىم. تۇساتتىن گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇ قىزدىن سۇراپ قالدىم:-ئۇ سىزنىڭ ئاچىڭىزمۇ؟  ئۇ قىز جاۋاپ بىرىپ،- ھەئە دىدى.بىراق سەل ھودۇقۇپ قالدى ئەلۋەتتە. مەن يەنە سۇرۇدۇم ئانىڭىزچۇ ئەمسە؟ ئەلۋەتتە مەن باشقىلاردىن ھېلىقى ئايالنى بۇ قىزنىڭ ئانىسىكەن دەپ ئاڭلىغان:   ئۇ قىز:- ئانام شۇ لىكىن مەن <<ئاچا>> دەيمەن.دەپ جاۋاپ بەردى. مەن توۋا دىدىم.ھەم بۇرۇنقى ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنى <<ئاچا>> دەپ ئاتىغىنى ئېسىمگە كەلدى. ھەم بۇ گەپنى ئېككىنجى قېتىم ئاڭلىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈردۈم.
    كەچتە ئۆيگە كىلىپ ئايالىمغا بۇ ئېشنى ئېيىتتىم،ئۇ بۇ ئىشنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى بۇنداق ئېشلارنىڭ ھازىر جەمىيەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
    كىيىن مەن ئاشۇ ئۆز بالىسىنى ئۇكام دىگەن ئاياللارنىڭ ئاجراشقان تۇل ئاياللار ئېكەنلىكىنى. بالىلرىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ بوي ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا  يوغان بالىسى باركەن،قىرىكەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاشتىن نومۇس قىلىدىانلىقىنى........ بىلدىم.
    توۋا دەيمەن ئۇلارغا، ئۇلار ئولمەمدىغاندۇ، ئۆزباللىرىنى ئۇكام دىيىشتىن،ئۆزىنى ئاچا دىگۈزۈشتىن نومۇس قىلمامدىغاندۇ؟!
    مەنبە:ئۇزۇم
    .:: تەھىرىر : ::.
    ياخشى(0)ناچار(0) چ چ بوشلۇقىڭىزدا كۆرسىتىڭ
    تورداش ئابلىكىم نىڭ باشقا يازمىلىرى
    ئىنكاس يوللاش

    ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!

    قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار