يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى
تەۋىسسيەلىك يازمىلار
تورداشلار ئاڭلاۋاتقان ناخشىلار
ئاۋات يازمىلار
تورداش باش بەت >>ئەسەرلەر رېتى>>ساياھەت-خاتېرە>>يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن
  • يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن
    يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنى , بۇ يازما 806قېتىم كۆرۈلدى. تەستىقلىغۇچى: m00286

    يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن
    ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكىدە بىر ماتىماتىكا ئالىمى ناھايىتى ئىنچىكە بىر تەتقىقات
    نەتىجىسىدە ھەركۈنى 24 سائەت بۇيىچە يەرشارىدا ئەزاننىڭ توختىماي ئوقۇلۇپ
    تۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دەيدۇ : ئىسلامنىڭ
    ناماز ئىبادىتىگە چاقىرىقى بولغان ئەزان پۈتكۈل يەرشارىدىن ھېچبىر ۋاقىت توختاپ
    قالماي ئۇقۇلۇپ تۇرىدۇ . دىمەك ، ئەزان بىر رايۇندا توختىغان ھامان يەنە بىر رايۇندا
    باشلىنىدۇ!!!!!!!!!!!
    بۇتەتقىقاتچى <<ئابدۇلھەمىد ئەلفادىل>> ئۆزپىكرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ :
    يەر شارى 360 پاراللېلگە بۆلۈنىدۇ ، ھەربىر پاراللېلدا مەلۇم بىر زامان ئۆتىدۇ،
    بىر پاراللېلنى   بۇنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر پاراللېلدىن پەقەت 4 مىنۇتلام ئايرىپ تۇرىدۇ،
    ئەزاننىڭ قائىدىسى  دەل ۋاقتىدا ئۇقۇلۇشتۇر ، مۇئەززىن تەخمىنەن بىرقېتىملىق ئەزاننى تەلەپكە لايىق ئۇقۇسا 4 مىنۇتتا ئۇقۇپ بۇلىدۇ.
    تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ ئېيتساق بىر پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىپ 4 مىنىۇت
    داۋاملاشسا ، 4 مىنۇت تۈگىگەن ھامان ئىككىنچى پاراللېلدىكى رايۇندا ئەزان باشلىنىدۇ
    ئىككىنچىسىدە تۈگىسە  ئۈچىنچىسىدە  باشلىنىدۇ ئاندىن تۆتىنچىسىدە ... دېمەك
    ئەزان يەرشارىدا كۈن بۇيى  مانا مۇشۇنداق توختىمايدۇ بۇنى كىچىككىنە بىر ھېساب
    ئەمىلى بىلەن ئېنىقلاش مۇمكىن

       360پاراللىل  X  مىنۇت 4 = 1440  مىنۇت  
     مىنۇت 1440 / مىنۇت60 =24سائەت

       

    ئەزان ساداسى
    ئۇيغۇرەك  

    تاڭ  سەھەر
    ئېشەكلەر جىم بۇلۇپ شۈمشىيىپ كەتتى
    پەرىشتە چىللايدۇ خوراز نىداسى
    ئاللاھۇ ئەكبەر ..........
    قۇرت قۇڭغۇز قۇشلارمۇ تەسبېھ ئېيتىشتى
    بۇلبۇللار ماكانى دۇنيا ساماسى .

    تاڭ سەھەر
    قىينايدۇ يۈرەكنى گۇناھ ئازابى
    تىترىدى بەك ئەنسىز قەلبىم تارىسى
    ئاللاھۇ ئەكبەر ..........
    ئاڭلىدىم يەنە شۇ تۇنۇش بىر ئاۋاز
    زەپ مۇڭلۇق يېقىملىق بىر كۈي ناۋاسى .


    تاڭ سەھەر
    ھەممە كۈلەر
    ئاللاھۇ ئەكبەر ..........
    زالىمنىڭ تەۋبىسى ئەقىل مىۋىسى
    باھارنىڭ كەلگىنى قىشنىڭ جۇداسى .

    تاڭ سەھەر
    ئەتراپ مۇئەتتەر
    يۈگۈردۈم بەدەر
    ئالەمدە ياڭرايدۇ ئەزان نىداسى  
    ئاللاھۇ ئەكبەر ....... ئاللاھۇ ئەكبەر .......
    يوقالسۇن بىتخوۋىن سىمفونىيىسى
    ئەزاننىڭ ساداسى دىلنىڭ شىپاسى .

    2011 - 5 - 20  جۈمە    مەدىنە مۇنەۋۋەرە 


     

    مەنبە : تور دۇنياسى ۋە ساقلانمىللىرىم
    .:: تەھىرىر : ::.
    ياخشى(0)ناچار(0) چ چ بوشلۇقىڭىزدا كۆرسىتىڭ
    تورداش مۇستافا نىڭ باشقا يازمىلىرى
    ئىنكاس يوللاش

    ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!

    قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار