يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى
تەۋىسسيەلىك يازمىلار
تورداشلار ئاڭلاۋاتقان ناخشىلار
ئاۋات يازمىلار
  • قىزلارغا
    يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى02-ئاينىڭ13-كۈنى , بۇ يازما 9965قېتىم كۆرۈلدى.

    قىزلارغا

    بىز كۈتمەيمىز قىزلاردىن باشقىنى ،

    كىرەك ئەمەس بىزگە ئارتۇق شوخلۇق .

    ‹‹ قىز ›› ئۇنىمە مەنىسىنى بىلىپ ئۆت ،

    ساڭا مەنسۇپ غورۇرۇڭ ھەم پاكلىقىڭ .

     

    قايسىزامان بولسۇن مەيلى ساڭا بەرىبىر ،

    ئاجىز كۆزۈڭ يىتەلمەيسەن زامانغا .

    خورلۇق ئەمەس يۈزۈڭ تۆۋەن يۈرگىنىڭ ،

    ئالدانمىغىن ئېزىتقۇچى شەيتانغا .

     

    بىزدە شۇنداق قىزبارمۇ ؟

    ھايا نۇرى پارلىسا ، ھەربېقىشىدا يۈزىدىن ،

    ساداقەتتىن باشقىسى ، كۆرۈنمىسە كۆزىدىن .

    سايەم بولسا مەيلىتتى ، چىقماس ئىدىم سۆزىدىن ،

    شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ، بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟

     

    ئىلمى پاكىز يۇسۇندا ، ئۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

    شەيتان گىرە سالغاندا ، تۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

    چىن ساداقەت سۆيگۈدە ، يۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

    ئاڭا سۆيگۈ تىلەيتىم ، ھازىر شۇنداق قىزبارمۇ ؟

     

    بولسا ئەگەر دىلىدا ، ئانچە-مۇنچە ئىمانى ،

    مىللەت ئەخلاق ئالدىدا ، يۈرىكىدە پىغانى ،

    بىر ئوغۇلنىڭ ئالدىدا ، تىك تۇرغىدەك ۋىژدانى ،

    شۇنداق قىزغا كۆيەتتىم ، قېنى شۇنداق قىز بارمۇ ؟

     

    سىز قىز بالا

    دوستۇم ، يولىڭىزغا قاراڭ ، توغرىمۇ-خاتا ؟!

    كىچە بولدى ، يۈرىۋەمەڭ دالىمۇ-دالا ،

    ھايانى چىڭ تۇتۇڭ ، بولۇپ چۈمبەللىك بالا ،

    قولغا ئېلىڭ قۇرئاننى بولۇپ مۇسۇلمان بالا ،

    غەيرى مەدىنيەت ئۇ ئۆزى بىر ئاپەت-بالا !

    ھەۋەس قىلماڭ ئۇئۆزى بىردەملىك ئالا ،

    ئازدۇرمىسۇن بۈدرە چاچلىق شەيتان بالا ،

    دىسكوخانا ۋەياكى ياكى رىستورانخانا ،

    كىندىكى ئوچۇق ... ھەممىسى بۇزغۇچى خانا ،

    تېپىۋىلىڭ توغرا يول ، ئورنىڭىز تالا ،

    بۇكۈنلەرنىڭ سورىقىمۇ چوقۇم بار جىما !

    رەھمەت تىلەڭ چوقۇم ھىدايەت قىلىدۇ ئاتا ،

    توغرا يولنى بەرگۈچى جانابى ئاللاھ !

     

     

    ::.
    ياخشى(0)ناچار(0) چ چ بوشلۇقىڭىزدا كۆرسىتىڭ
    تورداش مەردانجان نىڭ باشقا يازمىلىرى
    ئىنكاس يوللاش

    ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!

    قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار