- قەشقەرلىقنىڭ قىززىق گەپلىرى
- يوللانغان ۋاقتى : 2011-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنى , بۇ يازما 9689قېتىم كۆرۈلدى.
-
::.بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىرسورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ﮬەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گېپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-خاتالاشتىڭلار،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتاكۈلسەڭ ، قەشقەرلىقنىڭ گېپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ﮬەتتا بەزىدە دېگەن گېپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى....
تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ،پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىداقالغان بىرىگە:- ﮬاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن"-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.بىرسى ماشىنىنى ﮬەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندەتوختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغائوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلارئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەرلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ:ﮬاجېېېېېم، قانداق چىراق لازىم سىلىگە دېگىدەك.ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە جام دىگەن ئاشخانىغاكىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگەبىر قارىۋىتىپ ، بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ﮬەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ-دىگىدەك.بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ: ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە بەش مىنۇت تۇرىۋالاملىيا-دەپتىكەن ، ﮬېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرﮬال تۇرۇپ، باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن-دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :"ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ دوقمۇشتىن ئۆتۈپ باغۇ، ئوڭغا قايلسىلا تۈز يول بار، شۇيولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇرۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ - دىگىدەك.
قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ﮬېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟
باشقا شەﮬەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك ئىگىسى تۇمشۇقىنى ئۇچۇرۇپ
ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باﮬاسىنى سوراپتۇ.
600- كوي.
300 -كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇنداق ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىتىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرۈپ چىقىپ ماشىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىق تەمبەل بىرسى چۈشۈپتىكەن.
تاڭجاڭ دەرھاللا دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتتى.
"بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناﮬايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باﮬادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باﮬاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم."
بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟"
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگۈن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ﮬە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالمايﮬاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ﮬەي، ﮬەي،ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلاخوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.
ئەتىگەندە شەﮬەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان،بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققائىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازاقانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدەباشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغاﮬىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باﮬاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەشقەرلىق ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق،ئاغىنەم "ئاداش ئىشىكنى ئىچىڭلار دىسە ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ "ياتاقتا ئادەم يوق "دىگەنتى .ئاغىنەم تۇرۇپ كىتىپ ئەمىسە ئىشەك بولسىمۇبولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئىچىلىپ ئۇلار ئۇرشۇپ قاپتى ئاران ياراشتۇردۇم...
ئۆتكەن يىل 8- ئايدا ئىدارىدكىلەرنى قەشقەرگە ساياﮬەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىقئىش ئىسىمگە كەپقالدى : ﮬېيتگاﮬ بازىرى ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقان ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ﮬېتگاﮬ ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىزتەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە :
- كەسە خېرىدار كەسە ،بەشىكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق .............
-كىلوسى نەچچە پۇل ؟
6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ،يارىمىسا باكالىق
شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلاگەپ سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كېلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچەبىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ : - ﮬاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلائۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كىتەلەيدىلا ........
- نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ﮬېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپبارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە ............
- غوجوووووووووم يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپدۆۋلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى )
نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ئىچكىرلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق، لېكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم : - تىچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
- قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا ..........
-ﮬېتگاﮬ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز ............
- يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كىتىدىغان ﮬاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرتىمەن دېمەي ئۇخلاپ قاسىلابوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئېسىگەكىلەمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى .. )
- ﮬوي ، ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويەمەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
مىڭ رەﮬمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كەۋالدۇق .
بىزنىڭناﮬىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاﮬاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ ( سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانائاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگەبېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇسەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا ، بىر چاغداقارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن بىر ئادەم يەنە بىرىگە : - ئەمدى چىقىلىمۇ ئەمىتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان ......
- شۇنداق قىلىلى.......... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخاناخوجايىنى :
- ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چېكىت چىقىدا ....! ؛ دېگىدەك.بىر كۇنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ،
ئاشپەز : قارىم تاماقنىڭ پۇلنى ، دىدى .
ﮬىلىقى كىشى : سەيدىن چىۋىن چىقتى ،
ئاشپەز دەرﮬاللا: سىلە يەپ بولغان 4مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟
ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەردە ئىدى. بىر كۈنى قەشقەرگە كىرىپ نەۋرە ئاكام بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۆيى 4- قەۋەتتە ئېدى. بىراق مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن 3- قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قاپتىمەن.ئىشىك ئېچىلىپ 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم چىقتې.ئىشىكنى خاتا چەككىنىمنى دەرﮬاللا بىلدىم-يۇ،گەپ قىلمايلا كەتسەم<سېسىق>گەپ ئاڭلاپ يۈرمەي دەپ -نەۋرە ئاكامنى ئىزلەيتتىم.دېدىم. ئۇ ئادەم باش-ئايىقىمغا بىر قارىۋىتىپ:-قارىسام ياشلا تۇرىلا.ئەمما سېلىگەقېرىلىق يىتىپتۇ. ئۆيگە كېرىپ ئازراق دەملىرىنى ئېلىۋىلىپ،يەنە بىر قەۋەت ئۆرلىسلىرى چىقىلا. دېمەسمۇ. <سېسىق>گەپ ئاڭلاپ قالماي دىگەنگە تويدۇم.
بىر كۈنى يىزىدىن كىرگەن بىر نەچچە ياش بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىشكە كىرىپتۇ،ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا شەﮬەرلىك ياشلاردىن بىر نەچچىسى كىرىپتۇ. ئاۋال يىزىلىق بالىلارتاماق بۇيرۇتۇپتۇ پۇتۇندىن 4 ئاش.(لەغەن دىمەكچى) كۈتكۈچى شەﮬەرلىك بالىلاردىن سوراپتۇ سىلەرگە ئاشنى پۈتۈن ئەكىلەمدىم؟ يېرىممۇ؟ يېرىمدىن ئەكەل بىزيا سەﮬرالىق بولمىساق كالىدەك پۈتۈن ئاش يەيدىغان دەپتۇ........ يىزىدىن كىرگەن بالىلار بۇ گەپنى كۆڭلىگە سىپ قويۇپ ئوتۇرۇپتۇ.بىر كەمدە كۈتكۈچى كىلىپ يىزىلىق بالىلاردىن سوراپتۇ ئاش سۈيى ئەكىلەيمۇ؟ ياق، بىز يا شەﮬەرلىك بولمىساق يېرىم ئاش يەپ تويمىغىنىغا ئاش سۈيى ئىچىدىغان دەپتۇ.
تىببىي ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئاشخانىسى دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان، چۇشلۇكى ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىغان.. بىر چۇشتە بىر قەشقەرلىك بالا پولۇ يىگىلى كىرىپتۇ.پولۇمۇ بەكلا تەستە چىقىپتۇ، ئەمما قوشۇق يوق، تاڭجاڭدىن ئىككى ئۇچ قېتىم قوشۇق سوراپتۇ، قوشۇق كەلمەپتۇ .ئاخىرى ئۇ بالا چىدىماي: ئۇستوووووم، قوشۇق بولمىسا تىشاڭ بولسىمۇ مەيلىتى ئۇسسۇپ يىگىلى... بى ئەككىلىۋىتىڭلا! دەپتۇ.
بىرسى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە توققان يوقلاپ بېرىپتۇ، قارىسا بۇ قەشقەردە <كىرىڭ> دىگەننىڭ ئورنىغا< چىرىڭ>. <كىم> دىگەننىڭ ئورنىغا <چىما> دىگەننى ئىشلىتىدىكەندە،شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ﮬېلقى كىشى،تۇققىنىغا دەپتۇ، سىللەر داۋاملىق<ك> نىڭ ئورنىغا <چ> نى ئالماشتۇرۋالدىكەنسىلەر ،<كىرىڭ> دىگەننى <چىرىڭ> ،<كىم> دىگەننى <چىما> دىگەندەك، <چ> نىڭ ئورنىغا <ك> نىلا ئالماشتۇرساڭلا توغرابولىدىكەنغۇ. دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىللە ئۇرۇمچىگە مېڭىپتۇ ئۈرۈمچىدە بېكەتتىن چىقىپلا ﮬېلقى قەشقەرلىق تۇققىنى ياپيېشىل چىملىقنى كۆرۈپ < ۋۇييۇ ماۋۇ كىملەرنى>. دىگۈدەك.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
بىركۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن بىر ئاشخانىغا چىرىپ قالدۇق ،بۇئاغىنەم يامان سېسىقگەپ قىلاتتى دە.
ئاشىانىغا چىرىپ تاماق بۇرۇپ قوياپ خېلى ئوتتاساق يا تاماق يا چاي ئەكەممەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ﮬېلقى ئاغىنەم تاڭجاڭنى تولاپ:<قايسسا ئې چاي پىشقان بوسا بى ئەكىلۋەتمەملا !> دىسە ﮬېلىقى تاڭجاڭ ماندا!!!!ئالىيىپ قوياپ :<ما!!مىھمانغا!!!چاي!!!!!!>دەپ چاينى ئەكىلشىگە ،ﮬېلىقى ئاغىنىمىز قوپاپ :<ما! تاماقنىمۇ خېلى بولدى بۇرۇپ قويغىلى!>
-نېمى بۇرىغان!!؟دېدى ﮬېلىقى تاڭجاڭ! بوممىسا تاماقنى ئاشۇ تاڭجاڭغا بۇرىغان.
-ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن!!
-سەل تەستىراق چىقىدىغان تاماق بۇيرۇپ قاپلا! بوممىسا قورىماي موما يىمەملا ئىشتتكرەك چىقىدىغان!؟
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىركۈنى بى قىز ساۋاقدىشىم بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولاپ قالدۇق ،ئەمدەكەچتە ئازراق يەي سەمرىپ كىتىدىكەنمە دەپتى،ماقا،دەپ گۆش ناندىن ئككىنى سۇيقاشتىن ئككىنى بۇيرىسام ،ﮬېلىقى تاڭجاڭ -كاۋاپ !؟
-ئككى زىخ قوياپ قويسا !؟ دىسەم.
ﮬېلقى تاڭجاڭ-ﮬې!!!!!!قو!!!!!!!قماي قويە،ما! مىمانغا كاۋاپتىن.ئىككىنى!!!!!!!!!! دىمەسما!
ئاشخانىدا لىق ئەدەم باكىن يامان نۇمۇس قىپكەتتىم!
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$ $$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىرساۋاقدىشىمىز باتى دادىسى ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئۇ يامان ئاقسا تى دە !
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغ ،خمىيە دەرىستە مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتسا پاراڭ قىپ ئولتۇرۇپتىكەن،داسكىغا چىقىرىپ سۇنىڭ خېميلىك فورمۇلاسىنى كۆرسىتىپ :
-بۇ!،نىمىنىڭ فورمۇلاسى دىسە دىيەلمەي قاراپ تۇدى دە-بۇ!،شۇنىڭ بىلەن مۇئەللمﮬېي!
-سەن 12ژىلنىڭيا قى مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشنىمۇ،ئۇقمامسە-ﮬە!؟ دەپ ئاچچىغلاپ پەستىكى بىر چىلەك سۇنى ئېلىپ جاڭتەيگە تاققىدە ! قوياپ ﮬې! نىمماۋۇ !؟-دىسە،ﮬېلىقې ئاغىنىمىز تۇرۇپ كىتىپ :
چىلەك!!!!!!! دىمەسما !
#########################################################
بىر كۇنى بىرقانچەيلەن بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى چىگەنتۇق ،تاڭجاڭ كىلىپ نىمە تاماق يەيسىلەردەپتى بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن چاينى بەلەنرەك دەملەپ كىلەسىلە جۇمادىدۇق،بىر دەمدىن كىيىن چاينى ئەكلىپتى بىر ئاغىنمىز چاينى شۇنداق قۇيۇپتى چاينىڭ تەمى ئانچا چىقماپتىكىن ﮬېلقى ئاغىنىمىز تاڭجاڭنى قىشقىرىپ ماڭا قايلىسا بۇ چاينى بىرە قېتىم چاقىۋىتىپ دەملىگەنمۇ يا ، بۇدا چاقىۋەتمەيرەك بى دەملەپ ئەكەلسىلە دەپتى تاڭجاڭ تۇرۇپ كېتىپ بىر دەمدىن كىيىن چاينى قېنىغراق قىلىپ دەملەپ كەپتا.بىزلە شۇنداق كۇلۇشۇپ كەتتۇق. شۇندىن كىيىن بىز شۇ ئاشخانغا چىسەك تاڭجاڭغا چاينى چاقىۋەتمەيرەك دەملەپ كىلەلا جۇما دەپ چاخچاق قىلىپ قويدىغان بولدۇق .
@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@
بىر كۇ نى قەشقەردىكى بىر ئاغىنمېزنىڭ ئويگە كېرگەن ئوي ئېگېسى سۇ بېرەي دەپ تۇرسا بېرىنجى كېرگەن ئاغىنېمىز ئوي ئېگىسېگە ساڭا قول تەڭلېسەم سەت تۇرا مېكى دىيشېگە ئاغېنىمز:ئۇنداق بولسا دا دامنى چاقېرايمۇ دەپتى ، ھەممېز جېم ئولتۇرغان.
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بىر كۈنى 47~~48 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىغاكىرىپتۇ.
دوختۇر ﮬېلىقى ئايالدىن خېنىم قانچە ياش دەپ سورىسا، 39 ياش دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئاداش ﮬېلىقى ئايالنىڭ چىرايىغا بىرسەپسېلىۋىتىپ:شەنبە يەكشەنبە ، ﮬېيت-بايرامنى چىقىرىۋىتىپما يا~~~-دىگىدەك....
بىر كۇنى بىر ئادەم قەشقەرگە كېلىپ بازار ئايلىنىپتۇ ، ئۇئادەم بازار ئايلانغاچ بىر بېلىق كاۋىپى ساتىدىغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ . ھەم بېلىق كاۋىپى يىگىسى كېلىپ كاۋاپچىنىڭ قېشىغا كەپتۇ،ھەم بېلىقچىغا-:
بىر زىخ بېلىق كاۋىپى نەچچە پۇل ؟-دەپ سوراپتۇ.
بېلىقچى:-
بىر زىخى 4كوي-دەپتۇ .
ئۇ ئادەم :-
مەن 5نى ئالىمەن 2كويدەن بېرەملا -
كاۋاپ ساتىدىغان ئادەم:-
2كويدىن ئېرىقتىن تۇتۇپ يىسىلە -دىگىدەك .
ھېيىت كۈنى بىر ئايال بازارغا بادام ئالغىلى چىقىپتۇ .ئايلىنىپ بادام بازىرىغاكەپتۇ .1-دۇكانغا كىرىپ دۇكانچىغا « ئۈكام بادامنى نەچچىدىن ساتتىىلا » دەپ سوراپتۇ.دۇكانچى « 45سوم » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .ھېلىقى ئايال ئارتۇق گەپ قىلماي بىر تال بادامنى ئېلىپ بىر چىشلەپتىكەن ، بادام شۇئان چېقىلىپتۇ .ئايال دۇكانچىغاچاندۇرماستىن « ئۇكام قاتتتىقراق بادام يوقما » دەپلا چىقىپ كېتىپتۇ . 2-دۇكاندىمۇ1-دۇكاندىكىگە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . 3-4-دۇكانلاردىمۇ شۇنداق بوپتۇ 5 دۇكانغا كەلگەندە دۇكاندار ئالدىدا بولغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغانكەن .ھېلىقى ئايال كىرىپ بىر تال بادامنى ئېلىپ چېقىپ بولۇپلا دۇكانداردىن يەنە « ئۇكام قاتتىقراق بادام يوقما ؟ » دەپ سوراپتىكەن ، .........
بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان دۇكاندار ئايالغا........:
خېنېم ئالدىلىرىغا قايلاپ ئۇدۇل ماڭسىلا،ياغاچ بازىرى بار ،ئاشۇ يەردە سىلىگە ئوياپ بەرسۇن دەپتۇ ......
بىر كۈنى ھىيتكا بازىرىدىن كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ يىگى بازارغا بارماقچى بولدۇم-دە، يىگى بازارغا كىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە قىزىل چىراق يېنىپ كىرا ماشىنىسى توختىدى .يىشىل چىراق يانغاندا كىرا ماشىنىسى مىڭىشىغا پىيادىلەر يولىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر خىنىم ماشىنا ئۆتۈپ بولغىچە ئۆتىۋالىمەن دىدىمۇ مىڭىپ ماشىنا بىلەن تەڭ كېلىپ قالدى شوپۇر غەزەپ بىلەن ماشىنىنى تورمازلاپ توختاتتى -دە، ھىلىقى ئايال ماشىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە دەرھال ماشىنا ئەينىكىنى ئېچىپ:
خىنىم ماشىنا باسسا ئادەم باسقاندەك باسمايدا جۇما دىمەسما كۈلۈپ تىلىقىپ قالغىلى تاس قالدىم مەنبە:كەڭ ساي
ياخشى(0)ناچار(0)
- تورداش كىراۋۇس نىڭ باشقا يازمىلىرى
-
- دېھقانچىلىق مەيدانىدا دەرىجىنى تېز ئۆستۈ
- قىزلارنىڭ ئوغۇل دوستىدىن كۈتىدىغانلىرى
- مۇھەببەت ھىكمەتلىرى
- بىر ئايالنىڭ ئىرىگە يازغان تەسىرلىك ئاجر
- ھەقىقي مەشۇق مۇنداق بولىدۇ
- زامانىۋى مۇھەببەت!
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ روھى بىلەن م
- قىينىمىغىن سۆيگۇ ئوتى مېنى بۇنچە....
- ئازاپ،مۇھەببەت، ھەقىقەت
- مۇھەببەتتىكى سىناقلار
- ئىنكاس يوللاش
-

-
ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!
- قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار
-




