- ئويغانغىن دوستۇم
- يوللانغان ۋاقتى : 2012-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى , بۇ يازما 365قېتىم كۆرۈلدى. تەستىقلىغۇچى: ahlak
-
.:: تەھىرىر : ::.
ئويغانغىن دوستۇم
ئويغانغىن دوستۇم،ئەزىز قېرىندىشىم،
نەزەر سال ئەتراپقا، كۆزەتكىن دىنداش،
بىدئەت يولىدىن قايتىش ئۈچۈن،
تىرىشايلى بولۇپ بىر سەپداش.
ئەگەر ئۇيقۇڭنى ئاچمىساڭ بۈگۈن،
پۇشايماندا قالىسەن ئەتە،بۈگۈن
قالىسەن ھەسرەتتە چىكىپ نادامەت،
تاپمىساڭ يولۇڭنى ئۆزبەختىڭ ئۈچۈن.
ئەقىلنى ئىشلەتكىن توغرا يول تاپقىن،
ئويلانغىن ئىزدەنگىن كېلەچەك ئۈچۈن،
تۇتقىن سەن يولباشچى رەسۇلۇل يولىنى،
ئاتلانغىن كۈرەشكە ھەقىقەت ئۈچۈن.
توغرا يول پەقەتلا رەسۇلنىڭ يولى،
تىكلەنگەن شۇ يولدا ئىسلامنىڭ ئۇلى،
تاپقانتى مۆئمىنلەر شۇ يولدا مېڭىپ،
ھەقىقىي بەخىتنى ئىززەت-شەرەپنى.
مەنبە؛ بىلىملىكلەر بىلوگى
- ئىنكاس يوللاش
-

-
ئاممىۋىي تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ!
- قالدۇرۇلغان ئىنكاسلار
-




